باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك بانكىسى تۇنجى قېتىم دېھقانلار مەخسۇس ئۆي سېتىۋېلىش قەرز پۇلى مەھسۇلاتى ئېلان قىلدى

2016.02.17 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېھقانلارنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئۆي سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇش، ئادەتتىكى ئۆي سېتىۋېلىش قەرز پۇلى ئېلىش شەرتلىرىگە ماس كەلمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى يېقىندا دېھقانلار مەخسۇس شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇلى مەھسۇلاتى «دېھقانلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قەرز پۇلى»نى ئېلان قىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ مەھسۇلات دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى مەخسۇس دېھقانلارغا قارىتىلغان شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇلى مەھسۇلاتىكەن.

  «دېھقانلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قەرز پۇلى» بىر قاتار تەدبىر، ئىجازەت شەرتلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان باھالاش ئىجازەت ئۆلچىمى بېكىتىپ، دېھقانلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ؛ كىرىمنى بېكىتىشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كىرىم ئىسپاتى ياكى كىرىم بايانى بىلەن بانكا كىرىم ئاقما ھېساباتى ۋە ياكى سىياسەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتىنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دېھقانلار كىرىمىنى ئىسپاتلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ؛ قەرز بېرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، دەسلەپ تۆلىگەن پۇلنىڭ نىسبىتى ٪30تىن ئاشقانلارغا ئۆسۈم نىسبىتىدە ئېتىبار بېرىدۇ ۋە ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۆسۈم نىسبىتىدە ئېتىبار بېرىپ، دېھقانلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ؛ جانلىق قەرز قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ پەسىللىك بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئايدا قەرز قايتۇرۇشتىن باشقا يەنە پەسىل، يېرىم يىل ۋە يىل بويىچە قەرز قايتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى كۆپەيتىپ، قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرغانلارنىڭ خىلاپلىق ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىپ، دېھقانلارنىڭ قەرز قايتۇرۇش بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر