- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدا توردا ئىمتىھان بېرىشكە كېلىشىپ پىراۋا ئالغان تۇنجى كىشى بايىنغۇلىندىن چىقتى
2016.02.18 13:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ 16-فېۋرال بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ ئاپتوموبىللارنى باشقۇرۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق ئاپتوموبىللارنى باشقۇرۇش ئورنى قۇرغان ئۆزلۈكىدىن ئىمتىھان بېرىشكە كېلىشىش سىستېمىسى بايىنغۇلىن ئوبلاستىدا پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، 1-، 2-، 3-پەنلەر ئىمتىھانىنى بەرگۈچىلەر توردا ئالدىن كېلىشسە بولىدىكەن.
تاڭ ئەپەندى 5-فېۋرال 3-پەن ئىمتىھانىنى تاماملاپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا پىراۋا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ ئۆز ئالدىغا ئىمتىھان بېرىپ پىراۋىغا ئېرىشكەن كىشى بولغانلىقىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغان.
بۇ سىسىتېما 2014-يىلى 14-فېۋرال رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 18-فېۋرالغىچە 43 ئادەم 1-پەن ئىمتىھانىغا، 181 ئادەم 2-پەن ئىمتىھانىغا، 217 ئادەم 3-پەن ئىمتىھانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملاتقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر