باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ش ئۇ ئا ر قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرىدىن 55نى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان

2016.02.18 13:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانىسپورت نازارىتىنىڭ يېقىندا ئاشكارلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرىدىن 55نى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان، قۇرۇلۇش ئومۇمىي مۇساپىسى 9409 كىلومېتىر كېلىدىكەن، جەمئىيەتنىڭ قاتناش مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى تەخمىنەن 26مىليارد يۈەنگە يېتىدىكەن. قاتناش تۈر قۇرۇلۇشى- بەش مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولى، 3300كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۆلكە تاشيولى، 900 كىلومېتىردىن ئارتۇق تېز سۈرئەتلىك تاشيول ھەمدە دۆلەت چېگرا مۇداپىئە، چېگرا ئېغىزى، ساياھەت تاشيولى شۇنداقلا يولۇچى توشۇش بېكىتى، ئەشيا ئوبۇرۇت باغچىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، شىنجاڭ قاتناش مۇقىم مۈلۈككە 175مىليارد 100مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تارىختىكى يېڭى رىكورتنى ياراتتى، قۇرۇلۇش مۇساپىسى 46مىڭ 200كىلومېتىرغا يەتتى، خوتەن ۋىلايتىدە ياسېلىۋاتقاندىن باشقا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئاساسى جەھەتتىن تېز سۈرئەتلىك تاشيول بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. ھازىر پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 178مىڭ 500كىلومېتىرغا يەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر