خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى) ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىل كۈنلىرىنى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، كورلا شەھەر يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپ 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 17-كۈنىگە قەدەر، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن يېرىم كۈن ئوقۇغۇچىلارنى قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ئېنگىلىز تىلى، پۇتبول، گۈزەل-سەنئەت، ئۇسۇل، پەن-تېخنىكا، مۇزىكا، فوتو-سۆرەتچىلىك قاتارلىق تۈرلەر بويىچە تەربىيەلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلىشىگە ۋە يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىگە يېڭىچە قىياپەت بىلەن كىرىشىگە پۇختا ئاساس سالدى.
سۈرەتتە: يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىكى تۈرلۈك كۇرژۇك پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى