باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي بانكا جامائەت تۇرالغۇ فوندى ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشىدى

بىر يىللىق قەرەللىك ئامانەت پۇلىنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ

2016.02.18 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا، «ئىشىچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئىسچوتى ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ب ت [2016] 43-نومۇر)نى ئېلان قىلىپ، 21-فېۋرالدىن باشلاپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئىسچوتى ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى، ھازىر يولغا قويۇۋاتقان پۇل قويغان ۋاقىتقا قاراپ قەرەلسىز ۋە ئۈچ ئايلىق ئامانەت پۇلىنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلاشتىن، بىر تۇتاش بىر يىللىق قەرەللىك ئامانەت پۇلىنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلاشقا تەڭشەشنى قارار قىلدى. (ھازىر ئامانەت پۇلى ئۆسۈم نىسبىتى ٪1.50)

  ئىگىلىنىشچە، ئېلىمىزنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۈزۈمى ئورنىتىشىدىكى مەقسەت دۆلەت، ئىش ئورنى، خىزمەتچى ئۈچ تەرەپتىن ئورتاق مەبلەغ توپلاپ، ئاساسلىقى تۆۋەن ئۆسۈملۈك تۇرالغۇ قەرز پۇلى بېرىش ئارقىلىق، ئامانەت پۇل قويغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن. 1996-يىلدىن بۇيان، «ئامانەت پۇل ئۆسۈمى تۆۋەن بولۇش، قەرز پۇل ئۆسۈمى تۆۋەن بولۇش، تەننەرخنى ساقلاپ ئاز پايدا ئېلىش» پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئىسچوتى ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتى پۇل قويغان ۋاقىت بويىچە ئۆسۈم بالدىقىغا ئايرىلىپ، ئەينى يىلى قويغان ۋە ئۆتكەن يىلى ھېساباتقا يۆتكەلگىنى ئايرىم-ئايرىم قەرەلسىز ئامانەت پۇلى ۋە ئۈچ ئايلىق ئامانەت پۇلىنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى ٪0.35 ۋە ٪1.1 بويىچە ھېسابلاندى. بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئىشىچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئىسچوتى ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتى بىر تۇتاش بىر يىللىق قەرەللىك ئامانەت پۇلىنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى ٪1.5 بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر