باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇشۇ يىللاردا جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شىنجاڭلىقلار

2016.02.17 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1 . جاۋ شىنمىن: ئۈرۈمچى شەھىرى شىمېن ساقچىخانىسىنىڭ سابىق سىياسىي يېتەكچىسى، 2002- يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس 2002-يىلى 1-فېۋرال، جاۋ شىنمىن بەدىنىگە پارتلاتقۇچ دورىنى باغلىۋانغان قارا نىيەت بىلەن تىركەشكەندە، قارا نىيەت پارتلاتقۇچنى پارتلاتقانلىقتىن بەختكە قارشى 46 يېشىدا قۇربان بولدى. 2002 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ ئەنگە ئالغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئۇنىڭغا مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دېگەن نامنى بەردى.

  2 . داۋۇت ھاشىم: مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ چوڭكۆل چەكمەن يېزىسى تۈگمەنبېشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى،2003- يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس 2003-يىلى 24-فېۋرال مارالبېشى پەيزاۋاتتىكى يەر تەۋرەشتە، داۋۇت ھاشىمنىڭ ئائىلىسىدە بەش كىشى قازا قىلغان، 4 نەپەر قېرىندىشىى يارىلانغان. ئۇ زور ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، تېز سۈرئەتتە پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنى تەشكىللەپ خارابىلىق ئاستىدا قالغان ئاممىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان.

  3. ھەنىپە ئالىماخون: ئالتاي چىڭخي ناھىيىسى چىڭخې بازىرى پېنسىيەگە چىققان كادىر، 2009 - يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس

  1963- يىلى قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىكى ئۈچ يېتىم بالىنى بېقىۋېلىشتىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئانا ھەنىپە ئالىماخون، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، قازاق تۆت مىللەتتىكى 10 يېتىم بالىنى بېقىۋالغان. ئۆزىنىڭ ئالتە بالىسى ۋە بېقىۋالغان قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىكى ئۈچ بالىنى قوشقاندا، ھەنىپە ئەر-خوتۇن ۋە 19 پەرزەنتى كۆپ مىللەتلىك بىر چوڭ ئائىلە بولغان.

  4. ئالىم: كاۋاپچى بالا، جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 2011 - يىللىق شەخس

  2001 – يىلى، ئالىم ئۆزى يالغۇز گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ بىجيېگە كېلىپ يول بويىدا كاۋاپچىلىق قىلغان.

  گۇيجۇغا يېڭى كەلگەن چاغدا، ئۇ بىر قېتىم تاغ ئوت كەتكەندە ئوتنى ئۆچۈرۈشكە قاتناشقان، يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنى 300 يۇەن بىلەن مۇكاپاتلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ يىنىدىكى 200 يۈەننى قوشۇپ قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئوقۇغۇچىغا ئىئانە قىلغان. دافاڭ ناھىيىسىنىڭ بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سومكىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئالىم 181 يېڭى سومكا سېتىۋىلىپ، تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ بالىلارغا ئاپىرىپ بەرگەن؛ بۇ«ئاددىي ساخاۋەتچى» يەنە يىغقان پۇلىنى چىقىرىپ گۇيجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بىجيې ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلغان. ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ۋە گۈيجۇ قار ئاپىتىدە ئالىم بەس-بەستە پۇل ئىئانە قىلغان.

  5. مۇرات شېرىپجان: خوتەنلىك خەلق ساقچىسى، 2014ـ يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس

  ساقچى بولغان 14 يىلدىن بۇيان، مۇرات شېرىپجان باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلغان، ئىسسىق قېنى ۋە ھەرىكىتىنى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىغان، شۇ يەردىكى ئامما ئۇنى« چۆل بۈركۈتى»دەپ ئاتايدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر