باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ رايونىدا«قوش رەڭلىك توپ» تا 10مىليون 980مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتتىن ۋاز كېچىش يۈز بەردى

2016.02.17 14:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ناھايىتى جىددىي كۈتۈش ئىچىدە، 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچ (بېيجىڭ ۋاقتى)23دىن 59مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر يەنىلا ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتاتتى، بىراق مۆجىزە يۈز بەرمىدى، 10مىليون 98مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى كەلمىدى.

  نۇرغۇنلىغان ئەپسۇسلىنارلىقلار ئىچىدە، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزى سانجى فۇكاڭ شەھىرىدىكى 52326046 دا «قوش رەڭلىك توپ»ئويۇنىدا2015147 ئوتتۇرا مەزگىلدىكى 2 قارارىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، مۇكاپات سوممىسى 10مىليون 980مىڭ يۈەن بولۇپ مۇكاپاتتىن ۋاز كېچىلىدى دەپ ئېلان قىلدى. 10 مىليون 980 مىڭ يۈەننىڭ ئىگىسى ، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى سىزنى ئىزدەپ كۆپ جاپالارنى چەكتۇق. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ رايوندىكى قوش رەڭلىك توپتا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ مۇكاپات سوممىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتەتتى، بىراق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى كەلمىگەن . دۆلىتىمىزنىڭ «لاتارىيە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، لاتارىيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى مۇكاپات تارقىتىپ 60كۈنى ئىچىدە مۇكاپات بەلگىلەنگەن ئورۇنغا باج مۇكاپاتى دەپ قارىلىدۇ،بۇ كاتتا مۇكاپاتنىڭ باج مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى بولسا 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى(بېيجىڭ ۋاقتى) سائەت 23دىن 59مىنۇت ئۆتكەندە بولۇپ،باج مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە كۆپ قېتىم توردا، گېزىت، رادىيو ھەم ئۈندىدار سۇپىسىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى ئىزدەش توغرىسىدا ئېلان بەرگەن ، ئىزدەش خەۋىرى ناھايىتى تىز سۈرەتتە پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان.ئۈندىدار سۇپىلىرى،تەڭرىتاغ تورى، ئاسىيا كىندىكى تورى، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تورى، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۈندىدارى ، ئىستېمال سەھەر گېزىتى،فۇكاڭ لىنىيەسى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى (ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى 949 قاتناش رادىئۇسى، ئاۋانگارت961 خەۋەرلەر رادىيوسى،1074 ئۇيغۇر قاتناش ئەدەبىي سەنئەت رادىيوسى، 855ئۇيغۇرچە ئۇنىۋېرسال رادىيوسى، ئەلكۈيى تورى(ئۇيغۇرچە)،،،،،،،،قاتارلىق تور ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كاتتا مۇكاپات ئىگىسىنى ئىزدەش خەۋىرىنى يوللىدى،ئۈرۈمچى«چوڭ،كىچىك ئىشلار پىروگراممىسى» مۇ مۇكاپات ئىگىسىنى ئىزدەش خەۋىرىنى بەردى.شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن ئاق كۆڭۈل تور ۋاستىلىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئىزچىل تىرىشىشى ، قەتئىي بوشاشماسلىق ئىرادىسى بىلەن ، مۇكاپات ئىگىسىنىڭ مەن چاقچاق قىلىپ قويدۇم دەپ ئەڭ ئاخىرىدا پەيدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى.

  پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈتۈش دەقىقىلىرى2-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى،مالىيە باج بۆلۈمى،تېخنىكا بۆلۈمى، لىنىيە بۆلۈمى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچى خادىملار مۇكاپات ئىگىسىنى ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەردە ساقلاۋاتاتتى، جىددىي پەيتتە، ۋاقىت بىر مىنۇت بىر سېكۇنتتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى (بېيجىڭ ۋاقتى )23دىن 59مىنۇت ئۆتتى، مۇكاپات ئىگىسى يەنىلا كەلمىدى.بۇ 10مىليون 980مىڭ يۈەندىن ۋاز كەچكەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ بولسا شىنجاڭ رايوندىكى كومپيۇتېر تىپتىكى پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتىنىڭ سېتىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ زور سوممىلىق مۇكاپات بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، ھەمدە ئالتىنچى قېتىملىق 5 مىليون دىن يۇقىرى چىققان زور سوممىلىق كاتتا مۇكاپات بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. نۇرغۇنلىغان ئامما قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  دۆلىتىمىزنىڭ«لاتارىيە باشقۇرۇش نىزامنامىسى»دىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، قەرەسى ئۆتۈپ كەتكەن باج مۇكاپاتىنىڭ مۇكاپات سوممىسى،جامائەت پاراۋانلىقى فوندىغا قوشۇۋېتىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن، شۇڭلاشقا 10مىليون 980مىڭ يۈەن جامائەت پاراۋانلىقى فوندىغا بېرىۋېتىلىپ، بىۋاسىتە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ، گەرچە بۇنىڭدىن نۇرغۇن كىشىلەر ناھايىتى ئەپسۇسلانغان بولسىمۇ،بىراق بۇ مۇكاپات ئىگىسىنىڭ تەلىيىدە نۇرغۇنلىغان ئاجىز كىشىلىرىمىز ئىللىقلىققا ئېرىشەلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر