باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشنى تېز باشلاش كېرەك

2016.02.17 14:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 15 - فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئورگاننىڭ 2015 - يىللىق «ئۈچ ئەل» خىزمىتىنى خۇلاسىلەش ۋە 2016 - يىللىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى شىنجاڭ ئۆمىكىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئورگاندىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئىدىيە ۋە زېھنىي كۈچىنى خىزمەتكە قارىتىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يولغا قويۇشى؛ ئىدىيەنى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھازىرقى خىزمەتنى پۇختا ھەم ياخشى ئىشلىشى؛ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يىللىق نىشان، ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنداشقا ياخشى ئاساس سېلىپ، «13 - بەش يىل»دا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ياخشى باشلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل «ئۈچ ئەل» خىزمىتىدىكى ھالقىلىق بىر يىل، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى −− يۆلەش - ئېچىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش. كۆپچىلىكنىڭ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى، پارتگۇرۇپپىنىڭ رەھبەرلىكىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئورگاندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئومۇمىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى، مۇلازىمەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى شىنجاڭ ئۆمىكىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئورتاق ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچېڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، مەنىن زەينىل، ئىنئام نەسىردىن، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدىن كېيىن دائىمىي كومىتېتنىڭ 50 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر دائىمىي كومىتېتنىڭ 18 - قېتىملىق يىغىنىدا، دائىمىي كومىتېت قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت نىزامى»نى تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى. بۈگۈن مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈشتىكى مەقسىتىمىز خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەت قىلىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى دوكلاتنى قاراپ چىققاندا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - تەكلىپلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى، يېڭى ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمىتى سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر