باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەيۋەننىڭ جەنۇبىدا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئامما پائال ئىئانە بەردى

2016.02.17 14:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت- ئېكسپورت سودا جەمئىيىتىنىڭ تەيبېيدىكى ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ تۈنۈگۈن ئاشكارىلىشىچە، تەيۋەننىڭ جەنۇبىدا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تەيۋەن ئاپپاراتلىرى، كارخانىلار بۇنىڭغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا پائال ئىئانە بەرگەن. شۇ كۈنى سائەت 12گىچە، تۇنجى تۈركۈمدە 14مىليون 480مىڭ يېڭى تەيۋەن دوللىرى ئىئانە توپلانغان.

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى، تەيۋەننىڭ جەنۇبىدا 6.7 بال يەر تەۋرەپ، 116 ئادەم قازا قىلدى، 550 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە تۇنجى تۈركۈمدە تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى 18 ئاپپاراتى، كارخانىسى ئىئانە بەرگەن، ئىئانە پۇل تەيۋەن بوغۇزى ئالماشتۇرۇش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ھېسابىغا يەتكۈزۈلگەن، تەيۋەن بوغۇزى ئالماشتۇرۇش فوندى جەمئىيىتى تەيۋەن قىزىل كىرېست تەشكىلاتىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن. ھازىر ئىئانە داۋاملىق توپلانماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر