باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خېتاۋ رايونىدا دېھقانلار ئېلىكترونلۇق سودىنىڭ تەمىنى تېتىدى

2016.02.17 14:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغان مەزگىلىدە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خېتاۋ رايونىدىن ئىگىلىنىشىچە، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يەرلىكتىكى ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلار «ئىنتېرنېت قوشۇلغان» ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، توردا كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىگە تەدرىجى يەتكەن. ۋۇيۈەن ناھىيەلىك ئېلىكترونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ياڭ جېڭماۋنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، مەملىكەت بويىچە ئېلىكترونلۇق سودىدا ئۈلگىلىك ناھىيە بولغان ۋۇيۈەن ناھىيەسى بۇلتۇر 3-ئايدا 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى ناھىيە دەرىجىلىك ئېلىكترونلۇق سودا كەسىپ باغچىسى قۇرۇپ، يۇرتىغا قايتقان ستۇدېنتلار، كۆلەملىك باقمىچىلىق ئائىلىلىرى، دېھقانلار كەسپىي كوپراتىپلىرىنىڭ كېڭەش باشلىقلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلارنى مەركەزلىك تەربىيەلەپ، سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، ئۇچۇر مۇلازىمىتى، تۈر ئېچىش، خېيىم-خەتەر باھالاش، تېجارەت باشلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى، ئەگىشىپ يۆلەش قاتارلىق ئېلىكترونلۇق سودا ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

  باياننور شەھىرى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خېتاۋ رايونىغا جايلاشقان، يېرى مۇنبەت، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى مۇھىم يېشىل دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سىرتقا چىقىرىش بازىسى. باياننور شەھىرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، يېزا، چارۋىچىلىق رايونلىرى ئېلىكترونلۇق سودىسى تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يەرلىكلەشكەن ئېلىكترونلۇق سودا مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى كارخانىلار ۋە ئۆزگىچە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىكترونلۇق سودىغا يېتەكلەپ، مەۋھۇم بازار بىلەن ئەمەلىي ئىقتىساد، زامانىۋى سېتىش ۋاسىتىسى بىلەن ئەنئەنىۋى سېتىش ۋاسىتىسىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا ۋە ئەمەلىيەتتە تەڭ سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. باياننور شەھىرى ۋۇيۈەن ناھىيەسى خېشېڭ يېزىسى خېشېڭ كەنتى 2-گۇرۇپپىسىدىكى دېھقان ۋاڭ جىننيەن مۇنداق دېدى: دېھقانلار ئېلىكترونلۇق سودىغا كىرىشكەندىن كېيىن كىرىمىنىڭ كۆپىيىشى كاپالەتكە ئىگە بولدى. بۇلتۇر ئېلىكترونلۇق سودا ئارقىلىق تۇخۇم سېتىشتىن قىلغان كىرىمىم 260 مىڭ يۈەنگە، ساپ پايدام 150 مىڭ يۈەنگە يەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر