باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خۇڭ لى: ئاۋسترالىيە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئوبيېكتىپ، ئادىل پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك

2016.02.17 14:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لى تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئاۋسترالىيە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئوبيېكتىپ، ئادىل پوزىتسىيە تۇتۇشى، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلماسلىقى كېرەك.

  خەۋەرگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىشوپ 14-فېۋرال ياپونىيە، جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: مەن جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۇچراشقاندا، ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ دېڭىز، ھاۋا، ئارمىيە خەلق سەپىرى ئەركىنلىكىنى داۋاملىق قوغداشنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى ھەمدە مارجان خادا تاشلار قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى توغرىسىدا جۇڭگونىڭ چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى قايتا تەكىتلەيمەن. جۇڭگونىڭ ئىش ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، مارجان ئارال قۇرۇلۇشىنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاۋسترالىيە فېلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىز تالاش-تارتىشىنى خەلقئارا كېسىمگە تاپشۇرۇشىنى قوللايدۇ.

  خۇڭ لىي مۇنداق دېدى: بىز دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىشۇپنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز، جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا دائىملىق ئالماشتۇرۇشنى ساقلاش ناھايىتى مۇھىم. جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە بىز جۇڭگونىڭ پىرىنسىپال مەيدانىنى كۆپ قېتىم شەرھلىدۇق. بۇ ئاۋسترالىيە تەرەپكە ناھايىتى ئېنىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر