باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسى ئونسۇ ناھىيەسىگە قالدۇرغان 50 جۈملە سۆز

2016.02.16 16:14   مەنبە: خەلق تورى

خىزمەت گۇرۇپپىسى ئونسۇ ناھىيەسىگە قالدۇرغان 50 جۈملە سۆز

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇنىردىن تۇنىياز خەۋىرى) 2015-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە قېزىلما چارلاش-ئېچىش ئىدارىسىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇبۇلاق كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى خالمۇرات نەسردىننىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇش جەريانىدا ئونسۇ ناھىيەسىگە قالدۇرغان ئەھمىيەتلىك 50 جۈملە سۆزى

1.‹‹ئۈچ ئەل» خىزمىتى بولسا 21-ئەسىردىكى شىنجاڭدىكى ئامما خىزمىتىدىكى ئۇلۇغ قارارنىڭ بىرى، شۇنداقلا شىنجاڭ روھىنىڭ تۇلۇق نامايەندىسى.
2 .دۇنيادا ئالدىغىلى بولمايدىغان ئىككى خىل كۆز بار، بىرى تەشكىلنىڭ كۆزى، يەنە بىرى خەلق ئاممىسىنىڭ كۆزى.
3 .ئاساسى قاتلام قۇرۇلۇش خىزمىتىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازا قۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم.
4.‹‹ئۈچ ئەل» خىزمىتىدە كەلگۈسىگە، ئەمەلىي ئۈنۈمگە، ئۇل ئاساسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، «ئەل رايىنى سىناش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»تىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيۈش مەدەنىيىتى بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، پائال تۈردە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەستايىدىل خىزمەت ئىشلەپ، تىرىشىپ مەڭگۈ كەتمەيدىغان خىزمەت ئەترىتى بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش ھالقىلىق خىزمەت.
5 .مىننەتدارلىق بولسا ئېسىل ئەخلاق، مىنەتتارلىقنى بىلىدىغان ئادەم دائىم باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ.
6 .ھەر مىللەت خەلقى قۇياش، ھاۋا، سۇ، يەر، ئۆسۈملۈككە ئوخشاش بىر-بىرىگە تايىنىپ ھەرخىل ئۆزگىرىشلەر بىلەن ئورتاقلاشقاندىلا، يۇرت-ماكانىنى قوغدىغىلى بولىدۇ.
7.‹‹ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتكە ياخشى بولغان خىزمەت ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپلا قالماي يەنە پايدىلىنىش قىممىتى بولغان ئۈنۈمى ياخشى، كۆرگىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى بولىدىغان خىزمەت تۈزۈمى ۋە خىزمەت ۋاستىسنى قالدۇرۇشى كېرەك.
8 .تەشكىلگە رەھمەت ئېيتايلى، «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بولسا تەشكىلنىڭ بىزگە بەرگەن ئۆز-ئۆزىمىزنى تولۇقلايدىغان پۇرسەت.
9.‹‹ئۈچ ئەل» خىزمىتى جەريانىدا بەزىلەر ۋاقىتنى ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى ناھايىتى ئاستا دەپ قارايدۇ، بەزلەر ۋاقىتنى يېتىشتۈرەلمەيدۇ، بەزلەر بولسا ۋاقىتنى ئارتۇقچە دەپ ھېس قىلىدۇ.
10 .ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتى جەريانىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى يېتەكچى ئورۇنغا قۇيۇشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
11.كەنتكە چۈشۈشنىڭ ئۆزى تۆھپە قوشقىنىم دەپلا قاراش ئاقىلانىلىك بولمايلا قالماي بەلكى بىر خىل مەسئۇلىيەتسىزلىك.
12 .كەنتكە چۈشۈپ ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈش بولسا ئۆز ياشلىقىنى ئىسراپ قىلغانلىق، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قىسقارتقان بىلەن باراۋەر.
13 .رىياللىق بولسا بىر خاتىرىلىگۈچى، ئۇ سىزنىڭ قىلغان ھەربىر ئىشىڭىزنى خاتىرىلەيدۇ ھەم بىر-بىرلەپ جاۋابقا ئېرىشىسىز.
14.دېھقانلارنىڭ كۆزى يالغان سۆزلىمەيدۇ، سىزنىڭ كەنتتە قىلغان ئىشلىرىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى ئۇلارنىڭ كۆزىگە قاراپلا بىلەلەيسىز.
15 .بىلىدىغان تىل قانچە كۆپ بولسا، بايلىققا ئېرىشىش پۇرسىتىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
16 .ئەمەلدارلارنىڭ ئابرۇيى ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
17 .ئادەم پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئويلانسا، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىسا، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ھەم كۈلكىلىك ھەم مەنىسىز ئۆتىدۇ.
18 .ماختاشلارغا ئەستايىدىل بول، ئۇچۇپمۇ كەتمە، چۆچۈپمۇ كەتمە، چۈنكى سېنىڭ ماختىغۇدەك ئۇتۇق مېۋەڭ بولغانلىقى ئۈچۈن شەرەپ مەدىھىيەسىمۇ، ھەسەت پىتنە-ئىغۋاسىمۇ بولىدۇ-دە.
19.سەن ئۆزۈڭنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭنى بىلمەكچى بولساڭ سەن مەنپەئەت تاجى شۆھرىتىڭگە قارىماي، خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىغا قارا.
20 .ئەڭ يىراق ئارىلىق بولسا قەلب يىراقلاشقاندىكى ئارىلىق، ئەڭ يېقىن ئارىلىق بولسا قەلب گىرەلەشكەندىكى ئارىلىق.
21 .سىز كەنتتە چىن قەلبىڭىز بىلەن خىزمەت قىلمىسىڭىز، دېھقانلارمۇ سىزگە يالغان كۈلكىسى بىلەن يالغان كۆڭلىڭىزگە جاۋاب قايتۇرىدۇ.
22 .ئائىلىنىڭ نامرات بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل ناھايىتى كۆپ بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدىكى سەل قارىغىلى بولمايدىغان بىر خىلى بولسا تۇرمۇشنىڭ رىتىمغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق.
23 . ‹‹ئادۋوكاتلار قانۇننى يېزا كەنتلەرگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتى يېزا كەنتتنىڭ قانۇن تەربىيەسىنى كۈچەيتىشتىكى ياخشى ئۇسۇل شۇنداقلا كەنت كومىتېتىغا قالدۇرغان خىزمەت ئۇسۇلى.
24.‹‹ئۈچ ئەل» پائالىيىتىدىن خەلق ئاممىسى، كادىرلار ۋە پۈتۈن جەمئىيەت پايدىغا ئېرىشتى، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ يوشۇرۇنىدىغان ئورنى قالمىدى.
25. بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇتمايدىغان كىشى مەڭگۈ يورۇقلۇقنى كۆرەلمەيدۇ .
26 .كىتاب ئوقۇشنى خالىمايدىغان ئادەم بىلەن ئەمگەك قىلىشنى خالىمايدىغان ئادەمنىڭ تەقدىرى ئوخشاش بولىدۇ.
27 .پەقەتلا ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلىشنى ئويلايدىغان كارخانا بىلەن پەقەتلا ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇشىغا تايىنىپ كۈن كۆرۈلمەيدىغانلارنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق.
28 .بەزى كەنت ئاھالىلىرى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى مائاش دەپ قارايدۇ، بۇ پۇلنى ئېلىشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ، بۇ بىر ئېچىنىشلىق ئەھۋال.
29 .ياخشى بولمىغان ئادەت سىزنى ھاياتىڭىزدا ئەڭ ئاز بولغاندا بىر قېتىم جازالىشى مۇمكىن، بەزى يامان ئادەت بەلكىم سىزنى ھاياتىڭىزدىن ئايرىشى مۇمكىن، ياكى بولمىسا ئۆمىرىڭىزنى نابۇت قىلىشى مۇمكىن.
30 .ياخشى ئادەت سىزنى بىر ئۆمۈر پايدىغا ئېرىشتۈرىدۇ.
31 .تەشكىلنىڭ كۆزى ناھايىتى ئۆتكۈر، ئەقىل پاراسىتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ كەمچىلىك، نۇقسانلىرىڭىزنى ھەرگىز يوشۇرالمايسىز.
32 .پارتىيەگە سادىق بۇلۇش ئېسىل ئەخلاق، ئەخلاقى ياخشى بولمىغان ئادەم پارتىيەگە سادىق بولالمايدۇ.
33 .بەزلەر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن ئەپلەپ-سەپلەپ چىقىۋالىمەن دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزگىنىنى بىلمەيۋاتىدۇ.
34 .بەزلەر ئۆزىنىڭ كوللېكتىپىنىڭ ئىناۋىتىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئابرۇيىغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى بىلمەيۋاتىدۇ.
35 .ئەگەر بىز كەسىپكە بولغان ئىنتىلىدۇ ۋە خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئۆرۈپ-ئادەتكە ئايلاندۇرساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئۇلۇغۋار غايىمىز يەنە يىراقمۇ؟
36 .بەزىلەر ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچۇرغاندا، غەزەپلىنىدۇ ۋە ئازاپلىنىدۇ، يەنە بەزىلەر خەلقنىڭ مەنپەئەتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچۇرغاندا، غەزەپلىنىدۇ ۋە ئازاپلىندۇ. بۇ ئۇلارنىڭ غايە، ئېتىقاد ۋە ئىنتىلىشىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدا.
37 .زامانىۋى قانۇن بولسا زامانىۋى مەدەنىيەتتۇر.
38. كەنتكە چۈشۈپ پەقەت ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگەن ئادەم ھەرگىزمۇ خەلقنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىمايدۇ.
39 .خىزمەتنى قىلغاندىلا يېزىپ چىققىلى بولىدۇ، لېكىن بەزىلەر قەغەز يۈزىدىكى خىزمەتكە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.
40 .بەزىلەر ئاددىي خىزمەتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ يازىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا مۇرەككەپ خىزمەتنى ئاددىيلاشتۇرۇپ يازىدۇ.
41 .بەزىلەر ئەمەلىي ئىش قىلماي تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشنى يېزىپ چىقىمەن دەپ ئويلايدۇ، بەزىلەر بولسا ئەمەلىي ئىش قىلىدۇ، لېكىن قانداق يېزىشنى بىلمەيدۇ.
42 .بەزىلەر كەنتكە چۈشۈپ خېلى كۆپ دوست تۇتىدۇ، لېكىن خەلق ئاممىسى بىلەن دوست بولالمايدۇ.
43 .تەشكىلنىڭ بىزنى كەنتكە چۈشۈرىشى بولسا بىزنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن دوست بۇلۇش ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزگە بىرنەچچە دوست تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس.
44 .كەنتكە چۈشكەن مۇنەۋۋەر كادىرنى تالاشتا، توردا بېلەت تاشلاش ئەمەس، بەلكى خەلق ئاممىسىنىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن قارار قىلىنىدۇ.
45 .دۇنيادا ئەڭ ئاسان ئالدىغىلى بولىدىغانلار دېھقانلار. ئەڭ ئاسان ئالدانمايدىغىنى يەنىلا شۇ دېھقانلار.
46 .بىر مۇنەۋۋەر كادىرنى بىرنەچچە ئادەمنىڭ باھالىشى بىلەن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ بەلكى ئۆزىنىڭ ھايات ئىزناسى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ.
47 .ھەرقانداق بىر كوللېكتىپتا ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان بىرى بولسا ئۇ پۈتۈن كوللېكتىپنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
48 .ئەۋزەل بولغان خىزمەت شارائىتى ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان ئادەمنى ئېلىپ قالالىشى ناتايىن، بىراق ئەمەلىي ئىش قىلمايدىغانلارنى چوقۇم ئېلىپ قالالايدۇ.
49 .خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى، ئادەمنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
50 .بەزىلەر ئېرىشىشنىلا ئويلايدۇ، بەدەل تۆلەشنى خالىمايدۇ، بۇنداق كىشىلەر بىر ئۆمۈر ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. يەنە بەزىلەر بەدەل تۆلەيدۇ، ئېرىشىشنى ئويلىمايدۇ، ئۇنداق كىشىلەر ھاياتىدا يەنە نۇرغۇن نەرسىگە ئېرىشەلەيدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك