باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغان مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ تازىلىقى قانداق بولدى ؟

2016.02.17 14:13   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

چاغان مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ تازىلىقى قانداق بولدى ؟

  يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىدە يوللار توسۇلۇپ كەتكەن ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا قىسمەن شوپۇرلارنىڭ مەدەنىيەتسىزلىك قىلىپ، يول بويىغا ئەخلەت تاشلاپ، چاغانلىق قاتناش مۇھىتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى بايقىغان.

  چاغان مەزگىلىدە خۇنەن ئۆلكىسى چېگرىسى ئىچىدىكى شياڭجياڭ -يىياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا، چاڭدې، يىياڭ قاتارلىق شەھەرلەردىن چاڭشاغا كىرىدىغان غول لىنىيەلەردە چاغاننىڭ 5-كۈنى قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلۈپ، يوللار توسۇلۇپ كەتكەن. بۇ لىنىيەنى بويلىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىمۇ ئەخلەتلەرگە توشۇپ كەتكەن. ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ لىنىيەدىكى 60 كىلومېتىرلىق بۆلەكتە كۈنىگە تەخمىنەن 20 توننا ئەخلەت تازىلانغان. تەخمىنەن بىر مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى 12 سائەتتە يېرىم توننا ئەخلەت تازىلىغان.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ 66-بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغانلار سىرتقا قالايمىقان نەرسە تاشلىماسلىقى، شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەككەن. قاتناش تارماقلىرى كەڭ شوپۇر دوستلارنىڭ مەدەنىيەتلىك ئاپتوموبىل ھەيدەپ مۇھىت ئاسراشنى ئەسكەرتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك