باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى باھالاش چارىسى» چىقىرىلدى

2016.02.17 14:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش چارىسى»نى ئېلان قىلدى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل، ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2020-يىلىغىچە، ھازىرقى ئۆلچەمنىڭ ئاستىدىكى يېزا نامرات نوپۇسىنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش، بارلىق نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدىكى قارارى»غا ئاساسەن، بۇ چارە تۈزۈپ چېقىلدى.

  بۇ چارە ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

  تەكشۈرۈش خىزمىتىدە، نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل قۇتقۇزۇشنىڭ تۈپ تاكتىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش چۆرىدىلىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ؛ نەتىجىگە يېتەكلەش، مۇكاپات بىلەن جازانى ئېنىق ئايرىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئوڭ يۆنىلىشكە ئىلھام بېرىلىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خىزمەتلەر ياخشىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

  تەكشۈرۈش خىزمىتى بۇ يىلدىن 2020-يىلىغىچە بولىدۇ، ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرۈلىدۇ.

  تەكشۈرۈش مەزمۇنى تۆۋەندىكى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1-نامراتلارنى ئازايتىش ئۈنۈمى. بۇنىڭدا ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان نامرات نوپۇسنىڭ سانىنى ئازايتىش، نامرات ناھىيە قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاش، نامرات جايلاردىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئەھۋالى تەكشۈرۈلىدۇ. 2-دەل پەرقلەندۈرۈش. بۇنىڭدا ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان نامرات نوپۇسنى پەرقلەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ دەللىكى تەكشۈرۈلىدۇ. 3-دەل يۆلەش. بۇنىڭدا كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە ياردەم بېرىش مەسئۇللىرىنىڭ يۆلەش خىزمىتىگە بولغان رازىمەنلىكى تەكشۈرۈلىدۇ. 4-نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى. بۇنىڭدا مالىيەنىڭ مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش چارىسىگە ئاساسەن، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلىتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئۈنۈمى قاتارلىقلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ.

  بۇ چارە بۇ يىل 9-فېۋرالدىن تارتىپ يولغا قويۇلدى. 2012-يىلى 6-يانۋار چىقىرىلغان «نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش سىناق چارىسى» شۇنىڭ بىلەن بىللە بىكار قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر