باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قۇمۇل شەھىرى، ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى( يېڭى شەھەر رايونى) گوۋۇيۈەننىڭ نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق تەقدىرلەندى

2016.02.17 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-فېۋرال، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى( يېڭى شەھەر رايونى)دىن ئىگىلىشىچە: 2015 –يىلى بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىدە ئوڭۇشسىز ۋەزىيەت ئەۋجىگەن، رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 100 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان( 95مىليارد 100مىليون يۈەن)، شىنجاڭدىكى تۇنجى يەرلىك مالىيە كىرىمى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشقان رايون بولغان مۇنەۋۋەر «نەتىجە» بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن، ھەمدە ياخشى سىياسەت مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. قۇمۇل شەھىرى شەھەر ( ئوبلاست) دەرىجىلىك ئىلغار رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قاتاردىن ئورۇن ئالغان. يېقىندا گوۋۇيۈەن چىقارغان قاراردا، 2015 ـ يىللىق كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە چوڭ-چوڭ تۈرلەر، ساقلانما مەبلەغنى جانلاندۇرۇش ۋە بىكار تۇرغان يەر قاتارلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بېر قەدەر ياخشى قىلغان تۆت ئۆلكە ( شەھەر)، نۇقتىلىق سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە روشەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان 20 شەھەر ( ئوبلاست)، 20 ناھىيە ( شەھەر، رايون)، تەكشۈرۈش جەريانىدا مەسىلىلەرنى بايقاپ كۈچلۈك تۈزۈتكەن ئالتە ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارمىقىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلىگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈپ ماختاشقا ئېرىشكەن رايونلىرىغا قارىتا مۇناسىپ رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىكەن: بىرىنچى، دۆلەت بۇ رايونلارنىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ جەھەتتە ئارتۇقچە مەدەت بېرىش؛ ئىككىنچى، تەكشۈرۈش مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىش ۋە مەخسۇس يۆتكەلگەن چىقىم تىنىپ قالغان مەبلەغنى يىغىۋېلىپ، بارلىق پۇلنى بۇ رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇكاپاتلاش؛ ئۈچىنچىدىن، بۇ رايونلاردىكى كارخانىلارغا كارخانا زايومى تارقىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلاش ھالقىلىرىنى ئازايتىش؛ تۆتىنچى، ئەمەلىي ئېھتىياجىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، بۇ رايونلارغا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش پىلان كۆرسەتكۈچىگە مۇۋاپىق ھالدا مەدەت بېرىش؛ بەشىنچى، بۇ رايونلارغا قارىتا« نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش»نى يولغا قويۇپ، 2016-يىللىق چوڭ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزمەسلىك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر