باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«973»، «863» تارىخىي سۆزگە ئايلىنىدۇ

جۇڭگو نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ياساش پىلانىنى يولغا قويدى

2016.02.17 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «973 پىلانى»، «863 پىلانى» ئۇزۇن ئۆتمەي تارىخىي سۆزگە ئايلىنىدۇ. مۇخبىرنىڭ پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ياساش پىلانىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ياساش مەخسۇس تۈر مۇندەرىجىسى 16-فېۋرال ئېلان قىلىنغان، بۇ كۆپلىگەن پەن-تېخنىكا پىلانلىرىنى بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىش ياساش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ جيەنگو مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ياساش پىلانىدا ئەسلىدىكى 973 پىلانى، 863 پىلانى، دۆلەت پەن-تېخنىكا تايانچ پىلانى، خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇش مەخسۇس تۈرى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى سانائەت تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە ئېچىش مەبلىغى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى كەسىپلەر پەن-تەتقىقات مەخسۇس تۈرى قاتارلىق مەزمۇنلار بىرلەشتۈرۈلدى. پىلان ئاساسلىقى دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېزا ئىگىلىك، ئېنېرگىيە بايلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۇزاق ۋاقىت ئاستا تەرەققىي قىلىدىغان مۇھىم ئىجتىمائىي جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك تەتقىقات، شۇنداقلا سانائەتنىڭ يادرولۇق رىقابەتلىشىش ئىقتىدارى، ئومۇميۈزلۈك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك، ئاساسلىق، ئالدىن كۆرەرلىك نۇقتىلىق ئىلىم-پەن مەسىلىلىرى، مۇھىم ئورتاق ھالقىلىق تېخنىكا ۋە مەھسۇلات، مۇھىم خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى قاتارلىقلارغا قارىتىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ياساش پىلانى 59 نۇقتىلىق مەخسۇس تۈرنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بېكىتتى ۋە 36 مەخسۇس تۈرگە ئالاقىدار تەكلىپنى ئالدىن يولغا قويدى، دۆلەت پەن-تېخنىكا، مائارىپقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن ھازىر گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر