باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ئورگىنى ياپونىيەنىڭ «ھال سورىغۇچى ئاياللار»غا بولغان پوزىتسىيىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاراپ چىقتى

2016.02.17 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت ئاياللارنى كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى 16-فېۋرال جەنۋەدە ياپونىيەنىڭ «ئاياللارغا قارىتىلغان بارلىق شەكىلدىكى كەمسىتىشلەرنى يوقىتىش ئەھدىنامىسى»نى ئىجرا قىلىش ھەققىدىكى 7- ، 8- قېتىملىق بىرلەشتۈرۈلگەن دوكلاتىغا قاراپ چىقتى.

  ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ «ھال سورىغۇچى ئاياللار» مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى ۋە ئاياللارغا بولغان جىنسىي زوراۋانلىققا دائىر ۋىدىئو ئويۇنى، ھەجۋىي رەسىملىرى، ئاياللارنى قانۇنسىز ئىشتىن بوشىتىش، خىزمەت سورۇنىدىكى جىنسىي پاراكەندىچىلىك،ئەر-ئاياللارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى تەرەپتىكى پەرقى ۋە ياشانغان ئاياللارنىڭ نامراتلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بۇ قېتىملىق قاراپ چىقىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولدى.

  كەلگۈسى ئىككى ھەپتە ئىچىدە، ب د ت ئاياللارنى كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومېتىتى ئىسلاندىيە ، شۋېتسىيە، موڭغۇلىيە، چېخىيە، ۋانۇئاتۇ، ھايتى ۋە تانزانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىلىدۇ، قاراپ چىقىش نەتىجىسى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر