باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلارنى قوغداش ھەققىدە ھۆججەت تارقاتتى: ئائىلە ۋە ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟

2016.02.17 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن 14-چېسلا ئېلان قىلغان «يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر » دېيىلىدۇ)دە، يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا ئائىلە ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پىكىر» نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلارنى قوغداش جەھەتتە ئائىلىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆيىدە قالغان بالىلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايرىدى ۋە قېلىپلاشتۇردى، بۇ دۆلەتنىڭ يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارنىڭ ياشاش، ساغلاملىق، تەرەققىيات ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر