باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» ئېلان قىلدى

چەت ئەللىكلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك

2016.02.19 13:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «چەت ئەللىكلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «چەت ئەللىكلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە.

  دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، چەت ئەللىكلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، مۇھىم ئەھمىيىتى، ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئاساسىي پرىنسىپى

  مۇھىم ئەھمىيىتى. ئېلىمىز ھازىر ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىردى. دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشى ۋە خەلقئارا ئىختىساسلىقلار رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئېچىۋېتىش، ئۆزىگە ئىشىنىش، كونكرېت ئىشلارنى جانلىق بىر تەرەپ قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن تېخىمۇ ياخشى سىرتقا ئېچىش مۇھىتىنى يارىتىشقا زۆرۈر ئېھتىياجلىق. چەت ئەللىكلەرنى مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلاشتۇرۇش تۈزۈمى چەت ئەللىكلەرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، خىزمەت، تۇرمۇشقا مۇلازىمەت قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. ئېلىمىزنىڭ چەت ئەللىكلەرنى مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلاشتۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىختىساسلىقلار ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، چەت ئەللىكلەرنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش، مۇھاجىرلار مەنبەسىنى ساقلاش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى مۇۋاپىق بولماسلىق، تارقىتىش ئوبيېكتى تار بولۇش، تەمىناتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلاندى. چەت ئەللىكلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىختىساسلىقلار بويىچە كۈچلۈك دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر