باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قانداق قىلغاندا مۇھىت ئاسرايدۇ؟

2016.02.22 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەللىك ئاپتوموبىل مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تاراتقۇلار يېقىندا توكلۇق ئاپتوموبىل ھەقىقىتەن مۇھىت ئاسرامدۇ-يوق دېگەن گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەتتا بەزى چەتئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ سانى بەك كۆپىيىپ كېتىپ، تۈتەكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشى مۇمكىن، چۈنكى توكنىڭ ئۆزى پاكىزە ئەمەس، دېيىشتى.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى 2014-يىلى 5-ئايدا «2014-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان كۆمۈر ئېلېكتىرى بىلەن ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى پىلانى» نى ئېلان قىلغان، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىدا بۇلغىمىنى ئىنتايىن ئاز قويۇپ بېرىش ۋە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشكە قارىتا كونكىرېت نىشان بېكىتىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئالاقىدار مەجبۇرىي ئۆلچەملەردىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى قەتئىي شاللاش ۋە تاقاشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرى چېن جيېنىڭ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، سانائەتتە بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئەھۋالى كۆرىنەرلىك ياخشىلاندى. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئورناتقان كۆمۈر ئېلېكتىر گېنراتورلار گۇرۇپپىسى 530 مىليون كىلوۋاتتىن 890 مىليون كىلوۋاتقا كۆپەيتىلدى، بۇنداق ئۈسكىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى %83 تىن %99 تىن كۆپەرەككە يەتتى؛ دېگۈدەك بارلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ بولدى. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئاپتوموبىل بۇلغىمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىڭ يەن مۇنداق دەپ قارىدى: مەنبىئىيىدىن تارتىپ ماشىنا چاقلىرىغىچە بولغان ئېنېرگىيە سىياسىتى چۇقۇم بىربىرىگە باغلىنىشى كېرەك، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى تەڭشىلىۋاتىدۇ، جۇڭگو كۆمۈرگە نوقۇل تايىنىشنى ئازايتىپ، كۆپخىل ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە تەدرىجى ئۆتۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ تىرىلمە ئېنېرگىيە، شامال ئېنېرگىيەسى بىلەن توك تارقىتىش، قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن توك تارقىتىش قاتارلىق يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. دۆلەت بەزى قوللاش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى، بۇ سىياسەتلەرنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سىياسىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىش بىر قەدەر ياخشى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر