باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12366 باج تاپشۇرۇش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستى

2016.02.23 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلار تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك باج ئورگانلىرى 12366 باج تاپشۇرۇش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى، باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىدىكى ئەرزنى كۆپ خىل ئۇسسۇل بىلەن قوبۇل قىلىش، ئوخشاش بىر سۇپىدا بىر تەرەپ قىلىش، پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئەرز قىلىش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇزش، ھەمدە باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىدىكى ئەرزنى قەرەللىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، ئەڭ زور دەرىجىدە باج تاپشۇرغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  12366باج تاپشۇرۇش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، ناھىيىلىك باج ئىدارىسى قاتارلىق تۆت دەرىجىنى قاپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەرز قىلسا يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجىلىك باج ئورگىنى ئوتتۇرىسىدا بىجىرىشكە تاپشۇرۇشقا ۋە نەتىجىسىنى ئىنكاس قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، باج تاپشۇرغۇچى تور بېكەت، 12366 قىزىق لىنىيىسى، خەت-چەك، نەق مەيدان قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسسۇل ئارقىلىق ئەرز قىلسا بولىدۇ، قوبۇل قىلىش، بېجىرىشكە تاپشۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش، تەھلىل قىلىش، ئىنكاس قىلىش، تەكشۈرۈش بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سىستېما يەنە ئەرزىنى بىر تەرەپ قىلىشتا پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىشنى، تۈرگە ئايرىپ ئىستاتىستىكا قىلىش ۋە يىغىپ تەھلىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرشىنى شۇنداقلا ھەر قايسى ئۆلكىلىك باج ئورگانلىرىنىڭ باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىدىكى ئەرز قىلىش ۋە بېجىرىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى قۇرۇپ، ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر