باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇش تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى يولغا قويۇش پىكرىنى يولغا قويدى

ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىغا ئىلھام بېرىپ، « كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش»نى ھەل قىلىدۇ

2016.02.23 13:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشىنى سىياسىي ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى بىلەن ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىش تەقسىماتىدا ھەمكارلىشىش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كۆپ مەنبەلەشكەن دوختۇرخانا قۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن«ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ « پىكىر » دېيىلىدۇ) نى يولغا قويدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، «پىكىر»دە ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ كۆلىمىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى بايلىقى كەمچىل ھەم كۆپ خىل تەلەپنى قاندۇرىدىغان داۋالاش مۇلازىمەت ساھەسىگە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشقا، پايدا ئالمايدىغان دوختۇرخانا قۇرۇشقا، يۇقىرى سەۋىيەلىك، كۆلەملەشكەن چوڭ دوختۇرخانا ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پەرۋىش قىلىش، ياشانغانلار كېسىلى قاتارلىق ۋاسىتىلىك داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە ئالاھىدە ئېھتىياجلىق داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاپپاراتلارنى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. قانۇندا ئېنىق چەكلەنمىگەن جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي دورىگەرلىك ۋە ساغلاملىق مۇلازىمەت ساھەلىرى ئىجتىمائىي كاپىتالغا ئېچىۋېتىلىدۇ ھەم ئېچىۋېتىلىدىغان ساھەلەرنىڭ دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  بۇ «پىكر»نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئارىسىدىكى داۋالاش سۇغۇرتىسى سىياسىتى جەھەتتىكى پەرق تۈگەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتى كېلىشىمى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا قارىتىلغان سىياسەت قوللىنىلىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر