باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن بەش دۆلەت دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشقان مەھەللە كۆپەيدى

2016.02.23 13:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 18- فېۋرال ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى جەنۇبىي يېكەنكۆل يولى كوچا باشقارمىسى تۇرالغۇ شىمالىي يولى مەھەللىسى قاتارلىق بەش مەھەللە ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشقان مەھەللە بولۇپ تاللانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى شىمالىي ئازادلىق يولى كوچا باشقارمىسى ساغلاملىق يولى مەھەللىسى قاتارلىق 50 مەھەللە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2 ـ تۈركۈمدىكى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشقان يۇلتۇز دەرىجىلىك مەھەللە دەپ بېكىتىلگەن.

  باشقا تۆت دۆلەت دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشقان مەھەللىلەر ماناس ناھىيەسى ماناس بازىرى شەرقىي قوۋۇق مەھەللىسى، شىخەنزە شەھىرى قىزىلتاغ كوچا باشقارمىسى 24 مەھەللىسى، بۇرچىن ناھىيەسى بۇرچىن بازىرى گۈزەل چوققا مەھەللىسى، خوتەن شەھىرىنىڭ گۈلباغ كوچا باشقارمىسى مۇغا مەھەللىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشقان مەھەللىلەرنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بۇ مەھەللىلەرنى يۇقىرى شان - شەرەپ بىلەن مۇكاپاتلىدى، دۆلەت دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشقان مەھەللە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشقان يۇلتۇز دەرىجىلىك مەھەللە بەش مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئۈلگىلىك مەھەللىلەرنى بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. تەلەپ بويىچە، مەھەللە ئۇدا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشقان مەھەللە بەرپا قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇش، ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار بارلىق ئەمگەكچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 95 تىن تۆۋەن بولماسلىق، تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 95 تىن تۆۋەن بولماسلىق قاتارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىلا، دۆلەت دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشقان مەھەللە بېكىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر