باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 27- فېۋرالدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2016.02.23 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 22- فېۋرال، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلغانلىقىنى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 27- فېۋرالدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: سۇرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر سۇرىيە ۋاقتى 26- فېۋرال سائەت نۆلدىن ئىلگىرى رۇسىيە ياكى ئامېرىكىغا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.

  باياناتتا مۇنۇلارنى تەكىتلەندى: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىسلام دۆلىتى قاتارلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تېررورچى تەشكىلات دەپ قارالغان تەشكىلاتلارغا قوراللىق زەربە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئىسلام دۆلىتى قاتارلىق تېررورچى تەشكىلاتلارغا ھاۋادىن زەربە بېرىش قاتارلىق ھەربىي ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئۇرۇش توختىتىش جەريانىدا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ياكى سۇرىيە ھۆكۈمىتى تەرەپنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە خەۋەرلىشىش قىزىق لىنىيەسىنى قۇرۇپ، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىشنى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر