باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ

2016.02.24 13:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن خەلق ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، بېقىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر» يېشىپ چۈشەندۈرۈلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، شەھەر-يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار ئاساسىي تۇرمۇش ئۆلچىمى، كۈتۈنۈش-ئاسراش ئۆلچىمى بويىچە ئىككى تۈردە بېقىلىدۇ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، بولۇپمۇ ئىقتىدارىدىن قالغانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  «پىكىر»دە يەنە بېقىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى بىر قىسىم يېڭى ئوي-پىكىر، يېڭى چارىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلەن تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالايدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئۆز ئۆيىدە تارقاق كۈتۈنۈشى ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ ھەمدە تارقاق كۈتۈنىدىغانلارغا ئاساسىي تۇرمۇشىنى ماددىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، يەنە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، بېقىش ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىقلارغا تارقاق كۈتۈنىۋاتقانلاردىن كۈندىلىك خەۋەر ئېلىش، دوختۇرخانىدا ياتقاندا ھەمراھ بولۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەش ھاۋالە قىلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتە، ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش مۇلازىمىتى ئالدى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

  ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ كۈتۈنۈشىگە كاپالەتلىق قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت مەبلىغىنىڭ قوللىشى يەنىمۇ زورايتىلىدۇ. نۆۋەتتە، مالىيە مىنىستىرلىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، بېقىش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردى، 2016-يىلدىن باشلاپ، قىيىنچىلىقى بارلار تىزىملىكىدىكى ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى مەخسۇس تۈر بويىچە يۆتكەپ تۆلىنىدۇ. كونكېرت تولۇقلىما سوممىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ. مەركەز مالىيەسىنىڭ تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى تولۇقلىما خارەكتېرلىك، يېتەكلەش خارەكتېرلىك مەبلەغ بولۇپ، بېقىش ۋەزىپىسى ئېغىر، مالىيەسىدە قىيىنچىلىق بار، خىزمەت نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان رايونلارغا ئېغىشىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيەنى مەبلەغ سېلىنمىسىنى ھەقىقىي تۈردە كۆپەيتىشكە يېتەكلەپ، بېقىش مۇلازىمىتى ئورگانلىرىنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈش خىراجىتىنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، تۈزۈمنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا بولغان ياردەم بېرىش، بېقىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش نەتىجىسى يەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە مەسئۇل رەھبىرىي كادىرلارنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالاشتىكى مۇھىم پايدىلانما قىلىنىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر