باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كۆكتوقاي ناھىيىسىدە بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مېھمانخانىدا تۇغقان بوۋىقىنى ئائىلىلىكلەر بىناسىگە تاشلاپ قويدى

2016.02.23 13:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن،مۇخبىرنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 10 - فېۋرال سەھەر سائەت 5 لەردە ساقچىلار لى خانىمنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدا بىر ئوغۇل بوۋاق تاشلاپ قويۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلفونىنى ئېلىپ، دەرھال نەق مەيدانغا بارغان. لى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئەينى ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن تەخمىنەن يېرىم سائەت ئىچىدە بوۋاق ئىزچىل يىغلاۋەرگەن. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا قاراپ، ئۆينىڭ ئالدىدا بىر بوۋاق بارلىقىنى بايقىغان. بوۋاق پەقەت مېھمانخانىنىڭ كىرلىكى بىلەن يۆگەپ قويۇلغان، يۈزى سوغوقتىن كۆكىرىپ كەتكەن بولۇپ، لى خانىم بوۋاقنىڭ تاشلىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

  كۆكتوقاي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، 19 - فېۋرال، 21- فېۋرال بوۋاقنى تاشلىۋەتكەن جىنايەت گۇماندارى لى بو (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ۋە لى لىن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسم)نى قولغا ئالدى. سوراق قىلىش ئارقىلىق، خەلق ساقچىلىرى ، لى بو بىلەن لى لىننىڭ ئاشىق - مەشۇق ئىكەنلىكىنى،21 ياشلىق لى بو بىلەن 22 ياشلىق لى لىننىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. لى لىننىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ قالغاندىن كىيىن ئىككى دوختۇرخانىغا بېرىپ ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئوپراتسىيە قىلىش رەت قىلىنغان. 9- فېۋرال، كۆكتوقاي ناھىيە بازىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۇ بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغقان. ئارقىدىن ئىككەيلەن بۇ بوۋاقنى بىر ئائىلىكلەر بىناسىغا تاشلاپ قويغان.

  ئىككەيلەن بالا بېقىش ئىقتىدارى يوق دەپ بوۋىقىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە، لى بو تاشلىۋېتىش جىنايىتى دېگەن گۇمان بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، لى لىن بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىل بولغانلىقتىن، قانۇن بويىچە كېپىلگە قويۇپ بېرىلگەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر