باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا باج ئېلىنمايدىغان چېگرادىن كىرگەن تاۋارلار دۇكىنى تەسىس قىلىنىدۇ

چېگرادىن كىرگەن يولۇچىلار سېتىۋالغان چېگرا سىرتىدىكى باج كەچۈرۈم قىلىنغان تاۋارلارنىڭ باھاسى جەمئىي 8 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك

2016.02.24 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى سېتىۋالغاندا چەت ئەلدىن سېتىۋىلىش ھاجەتسىز، ئۈرۈمچى ئايرورۇمدا باج ئېلىنمايدىغان چېگرادىن كىرگەن تاۋارلار دۇكىنى تەسىس قىلىنىدۇ، چېگرادىن كىرگەندە ئۈرۈمچى ئايرودرومىنىڭ باج ئېلىنمايدىغان تاۋارلار دۇكىنىدىن سېتىۋالسا بولىدۇ. ئىگىلىنىشچە، يېقىندا، مالىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2016-يىلى 18-فېۋرالدىن باشلاپ، باج ئېلىنمايدىغان چېگرادىن كىرگەن تاۋارلارنى سېتىش دۇكىنىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان.

  گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، بۇ قېتىم ئۈرۈمچى دىۋوپۇ، گۇاڭجۇ بەييۈن، خاڭجۇ شياۋشەن قاتارلىق 13 ئايرودروم چېگرا ئېغىزى، شېنجېن، جۇخەي قاتارلىق ئالتە سۇ ۋە قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزىدە بىردىن باج ئېلىنمايدىغان چېگرادىن كىرگەن تاۋارلار دۇكىنى تەسىس قىلىشنى قارار قىلىنغان. بۇ خىل دۇكان سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ئايرودروم، قۇرۇقلۇق ۋە سۇ قاتنىشى پورتى ئايرىش رايونىدا تەسىس قىلىنىدۇ، بەلگىلىمە بويىچە چېگرادىن كىرگەن يولۇچىلار ئۈچۈن ئىمپورت بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان مال سېتىۋېلىش تىجارەت سورۇنى، خېرىدارلار بولسا تېخى چېگرادىن كىرىشى رەسمىيىتىنى بىجىرمىگەن يولۇچىلار. باج كەچۈرۈم قىلىنغان دۇكاندا ھاراق، تاماكا، گىرىم بۇيۇملىرى، قول سائىتى، كۆزەينەك، سومكا، زىبۇ -زىننەت، بوۋاقلار سۈت پاراشوكى قاتارلىقلار سېتىلىدۇ. باج كەچۈرۈم قىلىنغان باج تۈرى تاموژنا بېجى، ئىمپورت ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە ئىستېمال بېجىىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

  يولۇچىلارنىڭ چېگرادىن ئېلىپ كىرگەن بۇيۇملىرى 5000 يۈەن خەلق پۇلى ئىچىدە باج كەچۈرۈم قىلىش چېكىنى ساقلاپ قىلىش ئاساسىدا، ئۇلارنىڭ چېگرا ئېغىزىدا چېگرىدىن كىرگەن باج ئېلىنمايدىغان تاۋارلار دۇكىنىدا مەلۇم مىقداردا باج كەچۈرۈم قىلىنغان مال سېتىۋېلىش سوممىسىنى قوشۇشقا يول قويغان بولۇپ مال سېتىۋېلىش سوممىسى جەمئىي8000 يۈەن خەلق پۇلىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر