باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئومۇملاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى

جامائەت ئورگانلىرى ئاپتوموبىلنى يېڭىلىغاندا 10 پىرسەنتى يېڭى ئېنېرگىيە ئاپتوموبىلى بولۇشى كېرەك

2016.02.24 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى يېڭى ئېنېرگىيە ئاپتوموبىللىرىنى تېزدىن ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشنى يولغا قويۇش پىكرىنى بېسىپ تارقاتتى، ساپ ئېلېكتر قوزغىتىش بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ راۋاجلىنىشىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشى ئىكەنلىكىنى ئايدۇڭلاشتۇردى. بۇ پىكىرگە ئاساسەن، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ جامائەت ئورگانلىرى ئاپتوموبىل يېڭىلىغاندا 10 پىرسەنتى يېڭى ئېنېرگىيە ئاپتوموبىل بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە 3-5 تۈركۈمدىكى سىناق نۇقتىسى تاللاپ يېڭى ئىنىرگىيە ئاپتۇموبىللىرىنى ئۈلگە كۆرسۈتۈپ كېڭەيتىشنى يولغا قويىدىكەن؛ 2020- يىلىغا بارغاندا، سىناق نۇقتىلىرىدىكى يېڭىدىن قوشۇلغان ياكى يېڭىلىغان قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ نىسبىتى % 50 تىن تۆۋەن بولماسلىق، جامائەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلار سېتىۋالغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل شۇ يىللىق سەپلىگەن يېڭى ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئومۇمىي سان نىسبىتى % 30 دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك ئىكەن .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر