باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.02.24 16:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنى قەشقەردە ئاچتى

  جۇ مىڭجۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 23 – فېۋرال قەشقەر شەھىرىدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، مەۋقەنى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قويۇپ، يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئالاھىدە سىياسەت، ئالاھىدە ۋاسىتە، ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى ۋە سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  پارتىيە ۋە دۆلەت جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىغا مايىللىشىش ۋە ئۇنى قوللاشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، 1 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىدىن 1689 نى سالدى، جەنۇبىي شىنجاڭدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ھەقسىز ئوقۇتۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى بويىچە ئىككى يىل ھەقسىز تەربىيەلەشتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغىچە ئۇدا 14 يىل ھەقسىز تەربىيەلەشنى مەملىكەت بويىچە ئالدىن ئىشقا ئاشۇردى؛ ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىشتا جەنۇبىي شىنجاڭغا نۇقتىلىق مايىل بولۇش سىياسەت يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك قوللىدى؛ ئادەتتىكى مائارىپ بىلەن ئالاھىدە مائارىپقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەر قايسى مىللەتلەر باراۋەر بولۇشتەك مائارىپ ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئايرىم تۈزۈشنى يولغا قويدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، مائارىپ تارماقلىرى ۋە بارلىق مائارىپ خىزمەتچىلىرى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر نىيەتتە ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي خاراكتېرلىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىندا، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ شىن مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىنى، بولۇپمۇ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپ خىزمىتىنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى پۇرسەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، مەركەزنىڭ ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت يېتەكچى ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە يادرولۇق ۋەزىپىسى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت، زېھنىي كۈچ ۋە بايلىقنى ئىچكى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىپ، ئاساسىي مائارىپنى مۇھىم نۇقتا، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپنى يادرو، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ھالقا، سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئۆزئارا ياردەملىشىشنى تولۇقلىما قىلىپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، زېھنىي كۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىنىڭ مەركىزىنى قاتتىق دېتالغا ئەھمىيەت بېرىشتىن يۇمشاق دېتالغا ئەھمىيەتكە بېرىشكە، كۆلەمگە ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىچكى مەزمۇنغا، سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگەرتىش كېرەك. بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، 15 يىللىق مائارىپنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئومۇملاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنى كەسىپ بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا، جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى چۆرىدەپ، توققۇز تۈرلۈك ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، مائارىپ سۈپىتى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ سۈپەتلىك بولغان مائارىپ مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك؛ ئىككىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ ئۈچىنچى، مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە ئومۇملىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ تۆتىنچى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ بەشىنچى، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئالتىنچى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ يەتتىنچى، مائارىپنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ سەككىزىنچى، نىشانلىق ياردەم بېرىش، يۆلەشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش كېرەك؛ توققۇزىنچى، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر