باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شېنگېن شەرتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلامدۇ؟

2016.02.24 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماتېرىيال سۆرەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيەدىكى بىر تەتقىقات ئاپپاراتى 22-فېۋرال، ئەگەر شېنگېن (گېرمانىيە قاتارلىق بەش دۆلەت ليۇكسىمبۇرگتىكى شېنگېن بازىرىدا ئىمزالىغان ئەزا دۆلەتلەر ئارا چېگرانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى شەرتنامە) سىستېمىسى پارچىلانسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بۇندىن كېيىنكى 10 يىلدا بۇ سەۋەبلىك بىر ترىللىيون 400 مىليارد ياۋرو زىيان تارتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GDP) نىڭ تەخمىنەن %10گە تەڭ ئىكەن.

  بېتىرسمان فوندىنىڭ ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، شېنگنېن شەرتنامىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى مال ترانسپورت ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، كارخانىلار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ تەننەرخىنى ئۆستۈرىۋېتىدىكەن. ئەڭ ناچار ئەھۋالدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ چېگرانى قايتىدىن كونترول قىلىپ باشقۇرۇشى ئىمپورت باھاسىنى %3 ئۆستۈرىۋېتىدىكەن، 2016-يىلدىن 2025-يىلغىچە گېرمانىيە بۇ سەۋەبلىك 235 مىليارد دوللار زىيان تارتىدىكەن، فرانسىيە 244 مىليارد ياۋرو زىيان تارتىدىكەن. ئىمپورت باھاسى %1 ئۆرلىدى دېگەندىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بۇندىن كېيىنكى 10 يىلدا 470 مىليارد ياۋرو زىيان تارتىدىكەن.

  دوكلاتتا يەنە، شېنگېن سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولۇشى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بولمىغان جۇڭگو ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ چىقىمىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، دېيىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر