باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا يېڭىدىن توققۇز ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېكولوگىيىلىك ناھىيە كۆپەيدى

2016.02.24 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23- فېۋرال ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش خىزمىتى يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى توققۇزتارا ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، بۇرچىن ناھىيەسى، قابا ناھىيەسى، سانجى شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيەسى، خېجىڭ ناھىيەسى، چاغانتوقاي ناھىيەسى قاتارلىق توققۇز ناھىيەگە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېكولوگىيە ناھىيەسى دەپ نام بەردى.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك ناھىيە ( رايون ) دىن بىرى ( قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى)، 35ئېكولوگىيەلىك يېزا - بازار، 7ئېكولوگىيەلىك كەنت بار ئىكەن؛ 10ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك ناھىيە ( يەنە بىرى قاراماي شەھىرىنىڭ جەرەنبۇلاق رايونى ) ،141ئېكولوگىيە بويىچە ئۈلگە يېزا - بازار، 915ئېكولوگىيە كەنتى قۇرۇلغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر