باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.02.24 13:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بادىرى 22- فېۋرال مۇنداق دېدى: نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشقا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ نېفىت باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى خالايدۇ. بادىرى شيۇستۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئېنېرگىيە ھەپتىلىكى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇندىن ئىلگىرىكى يىللاردا يۇقىرى نېفىت باھاسى ھازىرقى يۇقىرى تەمىناتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلىشىدەك قىيىنچىلىققا يولۇقماقتا، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى خالايدۇ، ھەمدە ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە ئىش بېجىرگۈچىسى فاتىخ بىلور مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى خام نېفىت كەسپىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ يېتەرسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نېفىت باھاسى 2017- يىلى يەنە بېسىمغا يولۇقۇشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر