باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئېلىمىزدىكى شەھەرلەرنىڭ پانۇس بايرىمى مەزگىلىدىكى ھاۋا سۈپەت ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

338 شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر ياخشى

2016.02.24 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئېلىمىزدىكى شەھەرلەرنىڭ پانۇس بايرىمى مەزگىلىدىكى ھاۋا سۈپەت ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى 338 ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەردەنىڭ مۇھىت ھاۋا سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر ياخشى. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونىنىڭ ھاۋا سۈپىتى بىر قەدەر ناچار، بىر قىسىم شەھەرلەردە ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىش كۆرۈلگەن؛ چاڭجياڭ دېلتىسى ۋە جۇجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ھاۋا سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ ، تيەنجىن، خېبېي رايونى پوجاڭزا كۆپ ئېتىلىشىنىڭ تەسىرى ئەڭ زور: شۇ رايوندىكى PM2.5 سائەتلىك ئوتتۇرىچە قىممەت قويۇقلۇقى 22-فېۋرال سائەت 20 دە ۋە 21دە ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن( 153 مىكروگرام/ كۇپمېتىر)، كېچىدىكى سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، پانۇس بايرىمى يېرىم كېچىدىن كېيىن PM2.5 قويۇقلۇقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر