باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيە بوشلۇقتىن ئامېرىكا زېمىنىنى كۆزەتمەكچى بولدى

ئامېرىكا ئاخباراتنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە

2016.02.24 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماتېرىيال سۆرەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە يۇقىرى ئىقتىدارلىق رەقەملىك كامېرا ئورنىتىلغان ئايروپىلان ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش تەستىقىغا ئېرىشمەكچى بولۇۋېتىپتۇ.

  ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى بىر خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، روسىيە 22-فېۋرال، باش شىتابى ۋيېنادىكى ئېچىۋېتىلگەن ئاسمان مەسلىھەتچىلىك كومىتېتىغا رەسمىي ئىلتىماس سۇنۇپ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۆرەتكە ئېلىش ئەسلىھەلىرى بىلەن ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا كۆزىتىپ ئۇچۇش ئىجازىتىگە ئېرىشمەكچى بولغان.

  روسىيە ۋە ئامېرىكا ئىككىلىسى «ئېچىۋېتىلگەن ئاسمان شەرتنامىسى»گە قاتناشقۇچى دۆلەتلەر بولۇپ، 1992-يىلى ئىمزالانغان بۇ شەرتنامىدە، ھەربىي ئىشلار ئاشكارىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇقۇشماسلىقتىن كېلىپ چىققان جىددىيلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شەرتنامە ئىمزالىغۇچى دۆلەتلەر ئارا قارشى تەرەپنىڭ زېمىنىدا قوراللىق بولمىغان ئۇسۇلدا بوشلۇقتا كۆزىتىپ، قارشى تەرەپنىڭ خەلقئارا قوراللارنى كونترول قىلىش شەرتنامىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق ئامېرىكا ئالىي ئاخبارات ۋە ھەربىي ئىشلار خادىملىرى روسىيەنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرا ئارقىلىق ئامېرىكىنى بوشلۇقتىن سۆرەتكە تارتىشىدا ئامېرىكىدىن ئاخبارات توپلاشنى مەقسەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر