- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا
يىغىلغان تەكلىپ 500دىن ئاشتى
2016.02.24 16:02 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-فېۋرال، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاچقان تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى سۆھبەت يىغىنىدا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى ۋە پات ئارىدا ئېچىلىدىغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىكى تەكلىپ خىزمىتىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە يىغىنىڭ تەكلىپ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان، ھازىر دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھ مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 460دىن ئارتۇق تەكلىپى تاپشۇرۇۋېلىنغان. ئەزالار تەكلىپى 100 دىن ئاشقان. بۇ يىللىق سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە تەكلىپ سانى تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تەكلىپلەرنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىش تەلەپ قىلىندى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر