باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن گىرۇزىيە تۇنجى نۆۋەتلىك ئەركىن سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

2016.02.23 16:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن گىرۇزىيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى 22-فېۋرال گىرۇزىيەنىڭ پايتەختى تىبلىستا ئۆتكۈزۈلدى. بىر يېرىم كۈن داۋاملاشقان سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتكە قاتناشقان ۋەكىللىرى سۆھبەت نۇسخىسىدىكى ھۆججەت، سۆھبەت خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلمىسى، كېلىشىم نۇسخىسى قاتارلىق ئالاقىدار مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  شۇ كۈندىكى سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپ پىرىنسىپ جەھەتتىن،يىل ئىچىدە ئەمەلىي خاراكتېرلىك سۆھبەت ئىلىپ بېرىش، جۇڭگو بىلەن گىرۇزىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنى بالدۇرراق ھاسىل قىلىپ بولۇشنى بېكىتتى. سۆھبەتكە قاتناشقان جۇڭگونىڭ گىرۇزىيەدە تۇرۇشلۇق سودا ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى لىي بو مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن گىرۇزىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلباغ قۇرۇلۇشىدىكى ئەھمىيىتى زور.

  جۇڭگو گىرۇزىيەنىڭ ئۈچىنچى چوڭ سودا شېرىكى ۋە 2- چوڭ ئىمپورت دۆلىتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر