باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كېمون ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى قارشى ئالدى

2016.02.23 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 22-فېۋرال باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ شۇ كۈنى سۇرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى قارشى ئالدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بان كېمون، ئەگەر بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىنىدىغان بولسا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىدا مۇھىم قەدەم تاشلىنىدىغانلىقىغا، ھەمدە سۇرىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا پايدىلىق شارائىت يارىتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ توقۇنۇش بەش يىل داۋاملاشقاندىن كىيىن سۇرىيە خەلقىنىڭ ئازابىغا خاتىمە بېرىشىدىن ئۈمىد تۇغۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بان كېمون ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ماددىلىرىغا ئەمەل قىلىشىغا كۈچلۈك دەۋەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر