باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«كورېيەنىڭ يەنە ساد بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارىشى سىستېما سېتىۋالىدۇ» دېگەن خەۋەرلەر يالغان

2016.02.23 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن «كورېيەنىڭ يەنە ساد بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارىشى سىستېما سېتىۋالىدۇ» دېگەن خەۋەرلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، دېدى.

  كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساد سىستېمىسىنىڭ مۇداپىئە دائىرىسى كورېيە زېمىنىنىڭ يېرىمىنى قاپلايدىكەن، بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: كورېيە يەنە ساد بەلگىلىك سىستېمىدىن بىر ئىككىنى سېتىۋېلىپ، پۈتۈن دۆلەت زېمىنىنى قاپلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  ساد سىستېمىسى تېرمىنال يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى رايونى مۇداپىئە سىستېمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ھۇجۇم قىلغان قىسقا، ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسىيالايدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.

  كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 7-فېۋرال مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ 4-قېتىم يادرو سىنىقى قىلىش ۋە يىراق مۇساپىلىك راكېتا ئارقىلىق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىتا، كورېيە بىلەن ئامېرىكا كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا ساد بەلگىلىك سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلىشنى قارار قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر