- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو فىجى قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش پۇلى ئىئانە قىلدى
2016.02.23 14:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت فىجى يېقىندا قارا بوران « ۋىنستون»نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، جۇڭگونىڭ فىجى باش ئەلچىخانىسىدا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق ۋەكالەتچىسى گۇيۈ 22 - فېۋرال فىجى قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئىئانە قىلغان 100 مىڭ دوللار جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى يەتكۈزدى.
20-فېۋرال« ۋىنستون» فىجىغا ھۇجۇم قىلدى، ئۆيلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، توك توختاپ قالدى. 22-فېۋرال فىجى قۇتقۇزۇش تارمىقى دەلىللىشىچە، 20 ئادەم بوراندا قازا قىلغان.
جۇڭگونىڭ فىجىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارى 22 - فېۋرال مۇنداق دېدى: ھازىرچە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يارىلىنىش توغرىسىدا مەلۇمات يوق، ئەلچىخانا ئىقتىسادىي سودا مەسلىھەتچىسى ئورنىدىكى رويخەتكە ئالغان فىجىدا تۇرۇشلۇق جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانا ۋاقتىنچە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى يوق، مۇھىم چەت ئەلگە ياردەم بېرىش، ھەمكارلىق تۈرى ۋاقتىنچە بىر قەدەر زور تەسىر كۆرسەتمىدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر