باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە 40 بانكا تور نۇقتىسىغا بېرىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ۋاقتىدا تولۇقلىسا بولىدۇ

2016.02.23 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:21 -فېۋرال، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى بېجىرىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا كارتا تولۇقلاش، ئالماشتۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق تۈرلۈك ئىقتىداردىن

  بەھرىمەن بولىشى ئۈچۈن، شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ۋاقتىدا كارتا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇردى . ئىگىلىنىشىچە، سودا- سانائەت بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، ئۈرۈمچى بانكىسى ( ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا بانكىسى)نىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بار سوغۇرتىغا قاتناشقانلار يوقىتىپ قويۇش، ماگىنىتلىق كۈچىدىن قېلىش، بۇزۇلۇش، باسما خاتالىقى، سالاھىيەت ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى قايتىدىن كارتا بىجىرىدىغانلار، يۇقىرىقى بانكىلارنىڭ 40 تور نۇقتىسىغا بېرىپ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ ئالماشتۇرسا بولىدۇ. باشقا بانكىلاردا بۇ تۈر خىزمىتى كەينى-كەينىدىن ئېچىلىدۇ.سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار http://wlmq.xjrs.gov.cn غا چىقىپ ياكى ئۈندىدار جامائەت نومۇرى«ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى(wsrsbzj)» ئارقىلىق بانكا تور نۇقتىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئالاقىدار كەسىپلەرنى بىجىرسە بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر