باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇڭگۇەن 30 نەپەر شىنجاڭلىق ئىشچى قوبۇل قىلغان كارخانىلارغا يىلدا 300 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىش توغرىسىدا لاھىيە تۈزدى

2016.02.23 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇڭگۇەن كارخانىلىرى بىر قېتىمدا 30 شىنجاڭلىق ئىشچى قوبۇل قىلسا، بىر يىلدا 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تولۇقلىمىغا ئېرىشىدۇ.

  ئىچكىرىدىكى كارخانىلار شىنجاڭلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلسا سىياسى جەھەتتتىكى تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئەمەلگە ئاشتى.

  ئىگىلىشىچە، گۇاڭدۇڭنىڭ دۇڭگۇەن شەھىرىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ئىدارىسى يېقىندا« شىنجاڭلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ دۇڭگۇەنگە كىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلدى، لايىھەدە « شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نۇقتىلىق ئەمگەك مۇلازىمىتى كىرگۈزۈش بازىسى» قىلىپ بېكىتىلگەن كارخانا، شىنجاڭلىق ئەمگەكچىلەر بىلەن بىر يىللىق ئەمگەك توختامى ئىمزالىسا، ھۆكۈمەتتىن بىر قېتىمدا بازا ياردەم پۇلى ۋە ماسلىشىش تەربىيىلەش ياردەم پۇلى، يەنە ئىش ئورنى ياردەم پۇلى، تاماق ياردەم پۇلى، تۇرۇشلۇق كارخانا باشقۇرۇش ياردەم پۇلى قاتارلىق كۆپ خىل ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھۆكۈمەت يەنە كارخانىلارغا يېرىم يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تولۇقلاپ بېرىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، « شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نۇقتىلىق ئەمگەك مۇلازىمىتى كىرگۈزۈش بازىسى» چوقۇم ئىككى جايدىكى ھۆكۈمەت تەشكىللەپ كىرگۈزگەن 30 دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق ئىشلەمچىنى قوبۇل قىلىشى، ھەمدە شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەر بىلەن بىر يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، ھەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئالتە ئاي تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن. شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەر ئۈچۈن ماسلىشىش خاراكتېرلىك تەربىيىلەش قانات يايدۇرۇپ، تاماق ياردەم پۇلى بېرىش، باشلاپ كەلگەن كادىرلارغا تۇرالغۇ ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك ئىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر شىنجاڭدىكى كارخانىلار بىر ئىشچى قوبۇل قىلسا بەش تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن، كارخانا 34% ئەتراپىدا ئۈستىگە ئالىدىكەن، شەخسىي 12% ئەتراپىدا ئۈستىگە ئالىدىكەن. كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ، شەخس ۋە كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، بەلگىلىمە بويىچە شىنجاڭدىكى كارخانىلار قوبۇل قىلغان شىنجاڭلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ نىسبىتى % 70 دىن تۆۋەن بولمىغاندا ئىجتىمائىي كاپالەت، تەربىيىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە تولۇقلىما بېرىلىدىكەن.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئاكتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئىچكى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى كارخانىلار قوبۇل قىلغان شىنجاڭلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە يەتسە، شىنجاڭدىكى كارخانىلار بىلەن ئوخشاش ئالاھىدە سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدىكەن يەنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، تەربىيىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە تولۇقلىما بېرىلىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىچكىرگە كىرىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىلىدىكەن، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە شەھەرلەردىكى ئادەملەر بىر قەدەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا زاۋۇت ئۆيى، يايما ئورنى ھەققى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىلىدىكەن، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇسۇلمانچە ئاشخانا قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن ئىچكى ئۆلكىلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش تۇرمۇش جەھەتلەردە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر