- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىي رېئاللىقىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش بەرگەنلىكىنى تەنقىدلىدى
2016.02.22 08:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 20-فېۋرال كەچتە ئوبزور ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىنىڭ رېئاللىقىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەنلىكىنى تەنقىدلىدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە ياپونىيەنىڭ رۇسىيە-ياپونىيە تىنچلىق شەرتنامىسى مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە دىققەت قىلدى. ياپونىيە مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھەققىدىكى بارلىق يەكۈنلەر چىقىرىلىپ بولمىدى، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ياپونىيە 1945-يىلى 2-سېنتەبىر تەسلىمنامىگە رەسمىي ئىمزا قويدى، بۇ ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش بولۇپلا قالماستىن بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمدە ئۇنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەرىكىتىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ياپونىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى سەزگۈر مەسىلىنى ئاشكارا مۇنازىرە قىلىپ، تارىخىي رېئاللىقنى خالىغانچە بۇرمىلاپ چۈشەندۈرمەكچى بولدى، رۇسىيە بۇنىڭدىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر