- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2015-يىللىق ئېلىمىزنىڭ قانۇندا بېكىتىلگەن يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېلان قىلىندى
2016.02.22 09:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 18-فېۋرال 2015-يىللىق ئېلىمىزنىڭ قانۇندا بېكىتىلگەن يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە، قانۇندا بېكىتىلگەن يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان كىشى 6 مىليون 400مىڭ بولۇپ، 16مىڭدىن كۆپرەكى قازا قىلغان. كېسەلنىڭ قوزغىلىش سانى جەھەتتە ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرغان كېسەل تۈرى- ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى، سىفلىس، باكتېرىيەلىك ۋە ئاميوبالىق تولغاق، سۆزنەك بولغان؛ قازا قىلىش جەھەتتە ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرغان كېسەل تۈرى- ئەيدىز كېسىلى، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى، غالجىر كېسىلى، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى ۋە ئادەمگە يۇقىدىغان H7N9 قۇش زۇكىمى بولۇپ، B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەلدە قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %98.55نى ئىگىلىگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر