باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەمۇرى تەپتىش قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىشخانىسى قۇرۇلدى

2016.02.22 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەمۇرى تەپتىش قانۇن ئىجراسىنى باشقۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرمەكتىكەن. يېقىنقى مەزگىلدە مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەمۇرى تەپتىش قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىشخانىسى قۇرۇلغان. سىناق لايىھە تېزدىن تەتقىق قىلىنىپ تۈزۈلمەكتىكەن، سىناق خىزمىتى يىل ئىچىدە باشلىنىپ، ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدە ئىسلاھاتنى تاماملاش قولغا كەلتۈرۈلىدىكەن. باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئاساسلىقى- ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىت تارماقلىرى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان شەھەر ۋىلايەت ناھىيەلەرنىڭ مەمۇرى تەپتىش ئورگانلىرىنى بىۋاسىتە باشقۇرىدۇ، ئۇنىڭ خادىملىرى ۋە خىزمەت راسخوتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، شەھەر ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىلىرى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مۇھىت ئاسراش نازارىتى، ئىدارىلىرىنى ئاساس قىلغان قوش باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىلىرى تەسىس قىلىنمايدۇ، شەھەر،ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىلىرىنىڭ ۋاكالەت ئورگىنى قىلىنىدۇ.

  بىر مۇھىت ئاسراش مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېدى: يەرلىكتىكى بىر قىسىم بۇلغىنىش پەيدا قىلغۇچى چوڭ كارخانىلار ئۆز نۆۋىتىدە باج تاپشۇرغۇچى چوڭ كارخانىلار ھېسابلىنىدۇ، مۇھىت ئاسراش مەسىلىسى كۆرۈلگەن ھامان، ھۆكۈمەت مۇھىت ئاسراش قانۇن ئىجراسىغا ئارىلىشىدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا مۇھىت ئاسراش قانۇن ئىجراسى قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالىدۇ، شۇڭا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش زۆرۈر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر