باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزىلاردا قېلىپ قالغان بالىلارنى قوغداش كۈچەيتىلىدۇ

2016.02.22 09:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇئاۋىن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى زو مىڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان" گوۋۇيۈەننىڭ يېزىلاردا قېلىپ قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر"گە ئاساسەن، يېزىلاردا قېلىپ قالغان بالىلارنىڭ ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلار، ئەھۋال ئېغىر بولغانلار ياكى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان سىرتقا چىققان ئىشلەمچى ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: تەربىيە بېرىپ يېتەكلەنگەن، ياكى نەسىھەت قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلار، ئەھۋال ئېغىر بولغانلار ياكى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان ئىشلەمچى ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش، قانۇننىڭ سۈرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، يېزىلاردا قېلىپ قالغان بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر