باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىم جۇڭئۇن چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقىگە يېتەكچىلىك قىلدى

2016.02.22 08:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 21-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى بىرلەشمە قىسمىنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقىگە يېتەكچىلىك قىلغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: كىم جۇڭئۇن ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىق مەيدانىدا چاۋشيەن خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پاك يوڭجى، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى لى مىڭجۇ قاتارلىقلارنىڭ كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن. خەۋەردە مەشىقنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنى تىلغا ئېلىنمىغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئەمەلىي مەشىقتىن مەقسەت پايتەخت پىيوڭياڭنى قوغداش ئۇرۇش تەييارلىقىنى يەنىمۇ تاماملاپ، ھۇجۇم قىلىش بىلەن مۇداپىئە ئۇرۇش ئىقتىدارىنى بېكىتىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشتىن ئىبارەت. كىم جۇڭئۇن مەشىق نەتىجىسىدىن مەمنۇن بولدى. ئۇ يەنە تەبىئىي جۇغراپىيەلىك شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ مۇداپىئەنى مۇستەھكەملەپ، ئۇرۇش تەييارلىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدە كونكرېت يوليورۇق بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر