- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كامېرۇن ھەربىي تەرەپ 162 نەپەر « بوكو مۇقەددەس زېمىنى» قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى
2016.02.17 15:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يائۇندې خەۋىرى: كامېرون ئاخبارات مىنىستىرى، ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئىيسا باقالى شۇ يەر ۋاقتى 15-فېۋرال كەچتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كامېرۇن ھەربىي تەرەپ يېقىندا نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا 162 نەپەر ئەسەبىي تەشكىلات « بوكو مۇقەددەس زېمىنى» قوراللىق ئۇنسۇرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
15-فېۋرال كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، باقالى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : 11-فېۋرالدىن 14-فېۋرالغىچە، كامېرون ئالاھىدە قىسمى كامېرون 20 كىلومېتىرغا يېقىن نىگېرىيە چېگراسى ئىچىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، « بوكو مۇقەددەس زېمىنى» نىڭ بىر مەشىق لاگېرىسىنى بۇزۇۋىتىپ، 162 نەپەر تېررورچىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. ھەربىي تەرەپ يەنە ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ قولىدىن نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان شەھەرنى قايتۇرۇۋالدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر