باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەخسۇس ئەرزىيەت-پاش قىلىش خەت ساندۇقى ۋە تېلېفون تەسىس قىلدى

2016.02.17 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەربىي كومىتېت رەھبەرلىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يېقىندا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاساسلىقى ئارمىيە ئورۇنلىرى، ئارمىيە باشقۇرىدىغان خادىملارنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى، ھەربىي ئىنتىزام خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى پاش قىلىش، ھەمدە ئارمىيەدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى، ھەربىي ئىنتىزام جازاسىغا قايىل بولمىغاندا سۇنغان ئەرزىنى قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن، ئەرزىيەت-پاش قىلىش مەخسۇس لېنىيە تېلېفونى ۋە مەخسۇس خەت ساندۇقى تەسىس قىلدى.بۇ تەڭشەپ قايتا تەشكىللەنگەندىن كېيىنكى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەرزىيەت پاش قىلىش يوللىرىنى راۋان قىلىپ، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى مۇھىم تەدبىر. خەلق ئاممىسىنىڭ ۋە قىسىملاردىكى كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ ئارمىيەدىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەرزىيەت ۋە پاش قىلىش مەخسۇس تېلېفونى: <010-66791234> ( يەرلىك لىنىيە ) ، <0201-791234> ( ئارمىيە لېنىيەسى)؛ مەخسۇس لىنىيىلىك يانفون : <15311021234>، <15311031234>؛ مەخسۇس خەت ساندۇقى : بېيجىڭ شەھىرى <100120>خەت ساندۇقى 2-تارماق ساندۇقى ( پوچتا نومۇرى : <100120> ).

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر