- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چاقچاق ئەمەس! ئايفوننىڭ ۋاقتىنى 1970-يىلغا توغرىلىماڭ!
2016.02.17 15:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئايفوننىڭ ۋاقتىنى قولدا 1970-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگە توغرىلاپ قايتا قوزغاتقاندا، ئايفوننىڭ كېسەكتىن پەرقى قالمايدۇ». يېقىندا تارقالغان بۇ گەپ چاقچاق ئەمەس. ئالما ئورگان تورىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالما شىركىتى بەزى IOSئۈسكۈنىسىدە ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بىر يوچۇق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئالما شىركىتى مۇنداق دېدى: « IOSئۈسكۈنىلەرنىڭ ۋاقتىنى 1970-يىل 5-ئاي ۋە ياكى بۇرۇنقى ۋاقىتقا قولدا توغرىلىغاندا، IOSئۈسكۈنىسى قايتا قايتا قوزغالمايدۇ»، مەزكۇر مەسىلىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەرقانداق ئابونت ئالما بىلەن ئالاقىلىشىپ تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم سورىشى كېرەك. ئالما يەنە مۇنداق دېدى : پات ئارىدا بىر قېتىم سىستېما يېڭىلاش ئارقىلىق بۇ مەسىلە ھەل قىلىنىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر