باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ پۇل ئامانىتى 200 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

2016.02.17 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر بىر ئائىلىنىڭ بانكىدا ئازدۇر-كۆپتۇر ئامانەت پۇلى بولىدۇ، لېكىن، بىلەمسىز، ئۆتكەن يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ پۇل ئامانىتى 200 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: ئۆتكەن يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرى ياخشى بولغان، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامانەت قويۇش، قەرز پۇل قالدۇقى ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز ئېشىش ۋەزىيتىنى ساقلاپ قالغان، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەبلىغى يىغىۋېلىش ھالىتىگە ئۆتكەن.

  2015- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى تۈرلۈك ئامانەت پۇل قالدۇقى 698 مىليارد 460 مىليون يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ساپ 74 مىليارد 299 مىليون يۈەن ئۆسۈپ، % 11.9 ئاشقان، سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.76 پىرسەنت پوئىنتى ئاشتى. بۇلار ئىچىدە، كارخانا ئامانەت پۇلى 264 مىليارد 95 مىليون يۈەن، 13.88% ئاشقان؛ ئائىلە پۇل ئامانىتى215 مىليارد 731 مىليون يۈەن، 4.04%ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە قەرەلسىز ئامانەت پۇل 101مىليارد 278 مىليون يۈەن، % 5.84 ئاشقان، قەرەللىك ئامانەت پۇل 114 مىليارد 453مىليون يۈەن بولۇپ، % 2.5 ئاشقان، قەرەللىك-قەرەلسىز ئامانەت پۇل نىسبىتى 0.88؛ ھۆكۈمەت پۇل ئامانىتى 210 مىليارد 962 مىليون يۈەن، 16.73%ئاشقان.

  سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ ئامانەت پۇلى ئومۇمىي سانلىق مەلۇمات نىسبىتى مۇقىم ئاشقان، بىراق دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامانەت پۇلى قەرەلسىز ئۆسۆش نىسبىتى قەرەللىك ئامانەت پۇلىدىن يۇقىرى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر